1. ھاشاراتلار يۇرتى
گوفېڭ
ئوقۇتۇش شەكلى : كۆپ ۋاستىلىك
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. ئۈلگىگە ئاساسەن مۇھىم سۆز-جۈملىلەرنى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى، ئىستېلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئىگەللىگەن ئاساستا تېكىستنى ئورتاق ئەدىبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش.
2. تېكىستتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز –جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى تېكىستنىڭ باش-ئاخىرىدىكى مەزمۇنغا باغلاپ چۈشىنەلەيدىغان، مەنە ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىكى پەرقىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش ۋە تېكىستنىڭ قورۇلما ھەم ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئىگللەپ، مەنزىرىلەرنى يېزىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇللارنى ئىگىلىۋېلىش.
3. تېكىست مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، تەبىئەتنى سۆيۈش ھېسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.
4. « قاسراقلىق قارا قوڭغۇز ئورمانلىقتا ئېزىپ قالدى. » دېگەن جۈملە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىگە ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش.
مۇھىم نۇقتا: ئۈلگىگە ئاساسەن مۇھىم سۆز-جۈملىلەرنى، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى، ئىستېلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئىگەللىگەن ئاساستا تېكىستنى ئورتاق ئەدىبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش، « قاسراقلىق قارا قوڭغۇز. » دېگەن جۈملە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىگە ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش، تېكىست مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، تەبىئەتنى سۆيۈش ھېسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.
قىيىن نۇقتا : تېكىستتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز –جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى تېكىستنىڭ باش-ئاخىرىدىكى مەزمۇنغا باغلاپ چۈشىنەلەيدىغان، مەنە ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىكى پەرقىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش ۋە تېكىستنىڭ قورۇلما ھەم ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئىگللەپ،مەنزىرە يېزىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇللارنى ئىگىلىۋېلىش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : ئۈلگە كۆرسىتىش، ئىزدىنىشكە يىتەكلەش، سۇئاللار ئاساسسىدا مۇلاھىزىگە تەشكىللەش، باراۋەر ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش.
ئۆگىنىش ئوسۇلى: ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، مۇستەقىل ئۆگىنىش، ئىزدىنىپ ئۆگىنىش.
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى، مۇناسىۋەتلىك رەسىم، كۆرۈنىشلەر.
دەرس مەزمۇنى:
بۇ تېكىست نەسىر بولۇپ، تېكىستتە « مەن » نىڭ قارا قوڭغۇزنى كۆزىتىش جەريانى مول تەسەۋۋۇر، ئوبرازلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ جانلىق، جەلپ قىلارلىق، قىزىقارلىق يېزىلغان . بۇ تېكىست ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنى تەبىئەتنى سۆيۈش، ھەرخىل جانلىقلارغا بولغان قىزىقىش، قوغداش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن، تېكىستنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان مەنزىرە، شەيئىلەرنى يېزىشتىكى ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
1. يېڭى سۆزلەر ( سۆز بېرىكمىسى، جۈملە شەكلى ):
1) دالا- (1) ئادەم ياشايدىغان جاينىڭ سىرتىدىكى تەكشى كەتكەن پايانسىز يەرلەر. (2) سەھرا، يېزا، قىشلاق.
( مەن دالادا جىمجىت ياتقىنىمچە خىيالغا چۆكۈپ كەتتى. ) ( جىمجىت دالا، چەكسىز دالا )
2) پالۋان-جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك، بەقۇۋۋەت، جەسۇر، باتۇر ئادەم،.
( مەن ئۇنى يۇرتكېزەر پالۋان، دەپ تەسەۋۋۇر قىلدىم ) ( يېڭىلمەس پالۋان، ئىرادىلىك )
3) مەخلۇق-(1) ئىنسان ۋە پۈتۈن جانلىلارنىڭ ئومۇمىي نامى (2) ناچار تەرەپلەرنى كەمسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
(بىر توپ قارا قوڭغۇز بۇ زور مەخلۇققا قىزىقسىنىپ قاراشماقتا ئىدى. ) ( غەلىتە مەخلۇق )
4) مېتېئورولوگ-مېتېروئولوگىيە ئالىمى ( ھاۋا رايى ئۆزگۈرۈشلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى ).
5) نەزەر – (1) دىققەت، ئىتىبار(2) قاراش، كۆرۈش.( 3) بىرەر ۋەقە ياكى ئىش-ھەرىكەتتىن ئالغان سۇبىيكتىپ چۈشەنچە، تونۇش، بىلىش. (3 ) ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
6) قوڭغۇز – قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، تېنىنىڭ سىرتىدا قاتتىق قېپى بولىدۇ.
7) مۈدۈرۈپ- سوقۇلۇپ – سەنتۈرۈلۈپ، دەلدەڭشىپ، يىقىلىپ-قوپۇپ.
8) بۇرادەر- ئاكا-ئۇكا، ئاغا-ئىنىلەردەك يېقىن دوست؛ يولداش، ئاغىنە.
9) مەغرۇر- ئۆزىنى ئەركىن، ئۈستۈن تۇتىدىغان، كەيپىياتى ئۈستۈن، غورۇرى بار، كىبىرلىك، تەكەببۇر.
( مەغرۇر قۇش، مەغرۇر ئادەم، مەغرۇر قەدەم. )
10) نازۇك- ئىنچىكە، زىلۋا؛ نەپس، ئېسىل، مۇرەككەپ، چىگىش؛ ئورۇنلاش، بىجىرىش ئەڭ قىيىن بولغان ؛ سۆيۈملۈك، يېقىملىق، ئوماق، كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان؛ گەپ كۆتۈرەلمەيدىغان؛ نازۇك، سىلىق، يېقىملىق، نازاكەتلىك، ئەۋرىشىم؛ ئاجىز، چىدامسىز؛ ئاياللارنىڭ ئىسمى.
11) كەسلەنچۈك- سۆرەلگۈچى ھايۋان.
12) مۇزىكانت- سازەندە، ساز چالغۇچى.
13) كۈي- ئاھاڭ، ناخشا.
14) ئىنژېنىېر- تېخنىك خادىملارغا بېرىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋان ياكى تېخنىكىنىڭ بىرەر ساھەسى بويىچە ئالىي مەلۇماتقا ئىگە بولغان مۇتەخەسىس.
15) قاۋۇل- بەستلىك، ساغلام ، كۈچلۈك؛ چىرايلىق، كېلىشكەن، گۈزەل.
16) يۇرتكېزەر- يۇرت ئارىلاپ يۈرىدىغان،يۇرتمۇ-يۇرت يۈرىدىغان
2. مۇھىم جۈملە:
1) مېنىڭمۇ ئۇلار بىلەن تىنىچلىق سۇراشقۇم كەلدى،شۇغىنىسى ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمەيمەن-دە!
(بۇ جۈملىدە ئاپتۇرنىڭ قاراقوڭغۇزلارنىڭ ھەركەتلىرىدىن زوقلىنىش ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن)
2)بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۈيى ماڭا ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق كۈيدىن ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك بىلىندى.
(بۇ جۈملىدە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ قارا قوڭغۇزنى ياخشى كۆرۈش ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن.)
3. ئىستېلېستىكىلىق ۋاستىلەر:
جانلاندۇرۇش:
ئۇ كېتىۋېتىپ نۇرغۇن بۇرادەرلىرى بىلەن سالاملاشتى.
1) يۇرت ئاھالىلىرى بولغان قاراقوڭغۇزلار مەغرۇر يۈرۈشەتتى.
2) يىراقتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە زىيارەتكە ئېلىپ ماڭدى.
مۇبالىغە:
كۆز ئالدىمدىكى دۇنيا كېڭىيىپ ئۇششاق ئوت-چۆپلەر بۈككىدە ئورمانلىققا ئايلاندى.
4. تەسۋېرلەر:
ھەرىكەت تەسۋىرى:
1) ئۇ مۆدۈرۈپ- سوقۇلۇپ، ئاخىرى بىر يولغا چىقتى.
5. ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى:
ئىگە: جۈملىنىڭ كىم ياكى نېمە توغرىسىدا ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان باش بۆلىكى ئىگە دېيلىدۇ.
مەسىلەن: قاسراقلىق قارا قوڭغۇز ئورمانلىقتا ئېزىپ قالدى.
6. ماس قەدەملىك مەشىق:
ھۆكۈم قىلىش:
1)«قاۋۇل»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى-كۈچلۈك،كېلىشكەن دېگەنلىك بولىدۇ.
2)«ئۇ كېتىۋېتىپ نۇرغۇن دوستلىرى بىلەن سالاملاشتى»دېگەن جۈملىدە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن-ھەرىكەت تەسۋىرى،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن مۇبالىغە قوللىنىلغان.
3)تېكىسىتتە باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ھاشاراتلار يۇرتىدىكى ئەھۋاللارنى ناھايىتى ئېنىق تەسۋىرلەپ يازغان.
4)«ئاق قىيىن دەرىخى شىلدىرلايدىكەن»دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسى-شىلدىرلايدىكەن.
7. تاپشۇرۇق:
ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھاشاراتتىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ يېزىپ كېلىش.
دەرس تەييارلىغۇچى:نۇرنىسا رىشىت. تۇقىلەم ئىبراھىم، ئايشەم ئىسلام،گۇلنىسا ئوسمان، ئاسىيە يۇسەن،ئايشەمگۇل ھاشىم،قۇربانەم موسا خالىق راخمان
تەييارلىغان ۋاقىت:2016-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۇنى