بۈگۈر ناھيىلىك11-باشلانغۇچ مەكتەپ Internetتورىنى بىخەتەر ئىشلىتىش مەسئۇلىيەتنامىسى
Internetتور ئۇچۇرلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش ،باشقۇرۇش، ئىشەنچىلىك تور مۇھىتى بەرپا قىلىش، مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ نۇرمال ئىلىپ بىرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ مەمۇرىيتى، پارتىيە ياچىيكىسى،مەكتەپ ئىلىكتىرلىك ئوقۇتۇش گورۇپپىسى تۆۋەندىكىدەك مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈپ چىقتى:
1.ھەرقايسى ئوقۇتۇش گورۇپپىلىرى ،بۆلۈم ، سىنىپلار كومپىيوتىر ۋە Internetتورىنى پەقەت مائارىپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتى،دەرسلىك بايلىقلىرى ئۈچۈنلا ئىشلىتىشى كىرەك.
2. ھەرقانداق ئادەمىنىڭ Internetتورىدىن پايدىلنىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتلىشىگە پايدىسىز بولغان،قانۇنغا خىلاپ ھەرقانداق شەكىل ۋە مەزمۇندىكى ھۆججەتلەرنى كۆرىشى،كۆچۈرۈشى،ساقلىشى،تارقىتىشى قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ.
3. ھەرقايسى ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئىشخانىسىدىكى كومپىيوتىرلارنى ئىشلىتىشى،باشقا ئىشخانلاردىكى كومپىيوتىردىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلگەندە مەزكۇر بۆلۈم ئىشخاننىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئۆزىنىڭ بۆلۈم ئىشخانىسىدىن باشقا بۆلۈم ئىشخانلارنىڭ كومپىيوتىرىدىن پايدىلىنىپ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە،ساقلاشقا،تارقىتىشقا قەتئى بولمايدۇ.
4. ھەرقانداق ئىشخانا،سىنىپ،بۆلۈملەردىكى كومپىيوتىردا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خىلاپ سۈرەت،ئاۋازلىق ھۆججەت،ئىلىكتۇرۇنلۇق ئوقۇشلۇق،كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق ئۇچۇرلار بايقالسا مەسئۇل كىشى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
5.ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتىردا بىنۇرمال ئەھۋال بايقالسا چۇقۇم ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش،شۇ ئارقىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
6.مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئۆيلىرىگە Internet قا ئۇلاش ئېغىزى سەپلەنگەن بولۇپ،باشقىلارنىڭ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۆزى مەسئۇل بولغان بۆلۈم،ئىشخانا،سىنىپلارنىڭ Internet قا ئۇلاش ئېغىزىغا مەسئۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
7.كومپىيوتىرلارنى تورغا ئۇلاشتا بىر كومپىيوتىرغا بىر IP ئادرىسى بىكىتىلىدۇ.ھەرقانداق كىشىنىڭ IP ئادرىسىنى قالايمىقان ئۆزگەرتىشىگە،ياكى ئاپتۇماتىك ئۇلىنىش ھالىتىگە تەڭشەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ،ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا Internet تورىغا ئۇلانمىغان كومپىيوتىرلارنى تورغا ئۇلاشقا توغرا كەلگەندە ئالدى بىلەن مەكتەپ مەمۇريىتىگە يازمىچە ئىلتىماس يېزىپ تەستىقلاتقاندىن كىيىن،ئىلىكتىرلىك ئوقۇتۇش گورۇپپىسىغا مەزكۇر كومپىيوتىرنىڭ MAC ئادرىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كىيىن Internet تورىغا ئۇلاشقا بولىدۇ.
8.كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئورۇن،توچكا،كومپىيوتىرىدا ئۆزگىرىش بولسا دەل ۋاقتىدا مەكتەپ ئىلىكتىرلىك ئوقۇتۇش بۆلىمىگە مەلۇم قىلىپ،ئۆزگەرگەن ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىپ ئۆزگەرتىش لازىم.ئەگەر ۋاقتىدا ئۆزگەرتمەي بىرەر مەسلە كىلىپ چىقسا بارلىق ئاقۋەتكە مەسئۇليەتنامە ئىمزالىغان كىشى مەسئۇل بولىدۇ.
9.سىنىپتىكى كومپىيوتىرلار ئىشلىتىلمەيدىغان ۋاقىتتا قۇلۇپلاغلىق ھالەتتە بولۇش،ئاچقۇچ مەسئۇل كىشىدە بولۇش لازىم.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
10.بۇ مەسئۇلىيەتنامە ئۇزۇن مۇددەت كۈچكە ئىگە .
ئا تەرەپ :
ب تەرەپ: ، ، ، ،
، ، ، ،
، ، ، ،
، ، ، ،
، ، ، ،
، ، ، ،
، ، ، ،
، ، ، ،
بۈگۈر ناھىيىلىك 11-باشلانغۇچ مەكتەپ
2015-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى